خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى تەشكىللىگەن 2013- يىلى 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى رەيھانگۈل ئىمىر، 2015- يىلى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى جۇ لىنا، 2015- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 4- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئەمەر ھىمىت قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئاساسي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش «ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» تەشۋىقات گۇرۇپپىسى 11- ئىيۇلدىن 15- ئىيۇلغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ تەسىراتلىرىنى كەڭ ئاممىغا سۆزلەپ بېرىپ، ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى..
سۈرەتتە: قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى يۇقىرىقى موللازادە كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتتىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى