باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلغىچە 56 كىشىدىن ئارتۇق چوڭ سىنىپلار ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ

2016.07.14 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا « ناھىيە رايونلىرىدا شەھەر يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تولۇق ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلار مەنبەيىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تىرىشىپ يېزا ۋە كەنت مائارىپىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 2020-يىلغىچە 56 كىشىدىن يۇقىرى چوڭ سىنىپلار ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ.

  باشلانغۇچ مەكتەپلەر سىنىپىدا ئوقۇغۇچىلار 45دىن، تولۇقسىزدا 50دىن ئاشماسلىق نۆۋەتتە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملىك سىنىپ نورمىسى، ئەمما بەزى جايلاردا بايلىق يېتەرسىز بولۇش، سىنىپلار بارغانسېرى چوڭىيىش سەۋەبىدىن 56كىشىدىن يۇقىرى چوڭ سىنىپتىن باشقا يەنە 66 كىشىدىن يۇقىرى پەۋقۇلئاددە چوڭ سىنىپلار كۆرۈلدى، مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى، باش ئوقۇتۇش نازارەتچىسى ليۇ لىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چوڭ سىنىپلارنىڭ 4دىن ئۈچ قىسمى ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى ناھىيە بازارلىرىغا مەركەزلەشكەن، قىسمەن ئۆلكىلەردە چوڭ سىنىپلار نىسبىتى ھەتتا %20دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، تولۇق ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەك كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز ساندىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈچىنچى، يېزا كەنت مائارىپىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، يېزا كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلار مەنبەيىنى مۇۋاپىق مۇقىملاشتۇرۇش، تۆتىنچى، چوڭ سىنىپلار نورمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2018-يىلىغا بارغاندا 66 كىشىلىكتىن يۇقىرى چوڭ سىنىپلارنى ئاساسەن تۈگىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا 56كىشىلىكتىن يۇقىرى چوڭ سىنىپلارنى ئاساسەن تۈگىتىش.

  كىچىك دېگەن سۆز قىسمەن يېزا رايونلىرىدىلا ئىپادىلىنىدىغان بولدى، بەزى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ھەتتا تاقىلىپ قالاي دېدى، بەزى جايلاردا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، يىراق بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ليۇ لىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتتىق دېتال جەھەتتە مائارىپ تارماقلىرى ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنى زور كۆلەملىك، ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر