باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى ئۈنۈمىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى

بۇ يىل مەركەز كارخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ 100دىن ئازايتىشتا ئۈمىد بار

2016.07.15 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى 14-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ئېرىشكەن ئومۇمىي پايدىسى 623 مىليارد 347 مىليون بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2-پەسىلدە ئېرىشكەن ئومۇمىي پايدىسى 370 مىليارد 220 مىليون يۈەن، ئايلىق پايدىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 123 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، 1-پەسىللىك ئايلىق ئوتتۇرىچە پايدىدىن 38 مىليارد 990 مىليون يۈەن ئاشقان. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 6-ئايدا ئېرىشكەن پايدىسى 141 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن. 105 مەركەز كارخانىسى ئىچىدە، 38 مەركەز كارخانىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېرىشكەن پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪10 ئاشقان، 16 كارخانا پايدىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ٪30تىن ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مالىيە-باجغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، سىياسەت خاراكتېرلىك پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئېشىشى، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىنىڭ مۇقىم بولىشىدەك سەۋەبلەر باركەن. مەركەز كارخانىلىرى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە تاپشۇرغان باج ھەققى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 32 مىليارد 320 مىليون يۈەن ئاشقان. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 945 مىليارد 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2.1 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، 2016-يىلى 2-ئايدىن بۇيان ئايمۇ-ئاي تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 6-ئايلىق مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 250 مىليارد 800 مىليونگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن ٪7.4 ئاشقان، يېقىنقى ئىككى يىللىق سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان.

  مەركەز كارخانىلىرى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈردى. گۇرۇھ قاتلىمىدىكى قايتا تەشكىللەش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، بەش گۇرۇپپا 10 مەركەز كارخانىسىنى قايتا تەشكىللەش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، يەنە بىر قانچە گۇرۇپپا قايتا تەشكىللەش خىزمىتى پىلانلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىل مەركەز كارخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ 100دىن ئازايتىشتا ئۈمىد بار. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر