باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇدا بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ بەش ئادەم قازا قىلدى، 11 ئادەم يارىلاندى

2016.07.14 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تاشقى بۆلۈمى مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۇي شەھىرى تەۋەسىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن بىر تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، بەش ئادەم قازا قىلغان، 11 ئادەم يارىلانغان.

  تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلى گەنسۇ تەنجيا قاتناش-تىرانسپورت گۇرۇھى مەيجى يولۇچىلار توشۇش شۆبە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىكەن. نۆۋەتتە، يارىدارلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ھازىر ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر