جياڭشى ئۆلكىسى پوياڭ كۆلى دۇچاڭ ناھىيەسىدىكى خۇزى توسمىسىنى 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن يار ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم قىسمىدىكى ئوفىتسېر-جەڭچىلەر نەق مەيدانغا جىددىي بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان، 10 نەچچە سائەتلىك جىددىي مۇداپىئە كۆرۈش ئارقىلىق يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىز ئوڭۇشلۇق ئېتىلىپ، ئەتراپتىكى شاللىق ۋە تۆۋەنكى كەنتتىكى زىرائەتلەر ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان.