جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوتى (سولدىن 1-سى) 12-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي پېئارل خاربور پورتىدىن ئايرىلدى.
شۇ كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «شىئەن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوتى، «خېڭشۈي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغدىغۇچى پاراخوتى، «گاويوۋخۇ» ناملىق ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتى ھاۋايدىكى پېئارل خاربور پورتىدىن ئايرىلدى. «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش-2016» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوت ئەترىتى قىرغاق مەشقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، «شىئەن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوت، «خېڭشۈي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغدىغۇچى پاراخوت، «گاويوۋخۇ» ناملىق ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوت شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن داۋاملىق يولغا چىقىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بېرىپ، دېڭىز ئۈستىدىكى ئەمەلىي مانېۋىرنى باشلىدى.