باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بۇ يىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەت ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ

ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق ئەخلەت تۆكۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.07.14 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككىلىك كودنى سايىلىغاندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قاپقىقى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئەخلەتنى مۇناسىپ تۈردىكى يىغىۋېلىش ساندۇقىغا تۆكىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭدا ئەقلىي ئەخلەت يىغىۋېلىش ساندۇقىدىن 3000 ى تەسىس قىلىنىپ، شەھەر ئىچىدىكى 1000دىن ئارتۇق كىچىك رايوننى قاپلايدىكەن.

  بۇ خىل ئەخلەت ساندۇقى ئاشخانا ئەخلەتلىرى ۋە باشقا تۈردىكى ئەخلەتلەر قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، ساندۇق گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرقلەندۈرۈش رايونى بار ئىكەن، ھەر تۈرلۈك ئەخلەتلەرنىڭ مۇناسىپ ئىككىلىك كودى بار بولۇپ، مەخسۇس كىشىلەر ئارقىلىق ئاھالىلەرگە تارقىتىلىدىكەن. ئاھالىلەر ئەخلەت تۆككەن چاغدا، ئەخلەت خالتىسىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلىگەندە، مۇناسىپ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قاپقىقى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدىكەن، ئاھالىلەر ئەخلەتنى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەقلىي ئەخلەت ساندۇقى تۆكۈلگەن ئەخلەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىكەن ھەم سانلىق مەلۇماتلارنى بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يوللايدىكەن. سىستېما يەنە ھەربىر ئائىلىنىڭ تۈرگە بۆلۈپ ئەخلەت تۆكۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ، خاتىرىلەنگەن سانلىق مىقدارغا ئاساسەن نومۇر ھېسابلايدىكەن، نومۇرى كۆپ بولغان ئائىلىلەر مۇناسىپ سوۋغاتقا ئېرىشەلەيدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەتلەرگە قارىتا، ئاھالىلەر يەنە ئۈندىدار ئاممىۋى مۇلازىمەت نومۇرى « eچاقىرىش» ئارقىلىق چاقىرغاندا، مەخسۇس كىشىلەر كېلىپ ئەخلەتنى يىغىۋالىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى ئېنتىرنېت تورىدا تاماملىنىدىغان بولۇپ، نەق پۇل سودىسى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئاھالىلەر كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نومۇرلارنى ئىستېمال قىلغىلى ياكى نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر