باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە مۆلدۈر ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى

2016.07.14 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدىن راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل ھاۋا رايىنىڭ نورمالسىز، ھەر خىل تەبئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدەڭ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھاۋا رايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش، نازارەت قىلىش، ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  بۇ ناھىيە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارنىڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈردى. تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، مۆلدۈر ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ناھىيەلىك مۆلدۈردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتى 85 زەمبىرەكچىنى ھاۋا رايىنى كۆزىتىش، مۆلدۈرلۈك بۇلۇتنى توغرا مۆلچەرلەش، زەمبىرەكتە كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بىلىملەر بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ئىش ئورنىغا چىقىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ھەر قايسى زەمبىرەك نۇقتىلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇردى ھەم ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر