باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازى بولغان كانادالىق ناخشىچى دۆلەت مارشىنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتتى

2016.07.14 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ يېقىندا ئۇدا نەچچە قېتىم نېگىرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، كانادالىق ناخشىچى رېمىگيو پاررېرا 13-ئىيۇل ئامېرىكىدا ئويۇن قويغاندا كانادا دۆلەت مارشىنى ئۆزگەرتىپ، «ھەممەيلەننىڭ جېنى ئوخشاشلا جان» دېگەن بىر جۈملىنى ناخشا تېكىستىگە كىرگۈزدى. پاررېرا كانادالىق داڭلىق ئەر يۇقىرى ئاۋازلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا ئىلگىرى «كانادا گراممى مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان كانادا جۇنو مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا كەسپىي كالتەكتوپ ئىتتىپاقى چولپانلار مۇسابىقىسىدىن ئاۋال نومۇر كۆرسەتكەن.

  نومۇر ئورۇنلىغاندا، پاررېرا ئەسلىي تېكىستتىكى «نۇرلۇق قەلبلەر ئاشۇ كۈچلۈك ئەركىن جايغا نەزەر سالماقتا» دېگەن جۈملىنى «ھەممىمىز قېرىنداش، ھەممەيلەننىڭ جېنى ئوخشاشلا جان» دېگەنگە ئالماشتۇرغان ھەم ئوخشاش مەزمۇندىكى قولدا يېزىلغان شوئار تاختىسىنى كۆتۈرۈپ، غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ جۇملە كىشىلەرگە «نېگىرلارنىڭ جېنىمۇ ئوخشاشلا جان» دېگەن شوئارنى ئەسلىتىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ نېگىرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى قايتا-قايتا يۈز بەردى، بۇ بىر جۈملە شوئارمۇ نامايىش پائالىيىتىدە كەڭ ئىشلىتىلدى، ھازىر ھەتتا «نېگىرلارنىڭ جېنىمۇ جان» ناملىق ھەرىكەت پەيدا بولدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ناخشىچىلار گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باشقا ئۈچ كىشىنىڭ پاررېرانىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى ھەم قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پاررېرانىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر