باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى <<پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پىكىر>>نى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇھىم ئىش ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى دېلوغا چېتىشلىق بولسا، ئېھتىيات بىلەن قولغا ئېلىشنى توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك

2016.07.15 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇل، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېسىپ تارقاتقان « تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر»دە، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەسىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قانۇن-سىياسەت چېكىنى توغرا ئىگىلەشنى؛ تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش قىلىش ۋە تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشنى؛ تەپتىش ئورگانلىرى زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش، تەربىيە بېرىش، قوغداش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى فۇنكسىيەنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» دە قانۇن-سىياسەت چېكىنى توغرا ئىگىلەپ، دېلو بېجىرىشتە جىنايەت بىلەن جىنايەت بولمىغان «بەش چەك»نى توغرا پەرقلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش جەريانىدا تەدبىر بەلگىلەشتە كەتكۈزۈپ قويۇش، ئېغىش، بەلگىلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن، ئەگەر نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ئوتتۇرىدىن نەپ ئېلىش ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشلىرى بولمىسا، جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. نۇقتىلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقات ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى دېلوغا چېتىلغان خادىملارغا نىسبەتەن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە، مەبلەغ ۋە تېخنىكا ماتېرىياللىرى، ئادەتتە پېچەتلەنمەيدۇ، تۇتۇپ قېلىنمايدۇ، توڭلىتىلىپ قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر