باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «دەۋر نەمۇنىچىسى» لى شۇجياڭ ۋە لو كاڭ ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلدى

2016.07.15 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 14-ئىيۇل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا «دەۋر نەمۇنىچىلىرى» لى شۇجياڭ ۋە لو كاڭ ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  لى شۇجياڭ دۆلەت تەرەققىيات سېلىنما شىركىتى شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتورى. ئۇ بىپايان چۆل-جەزىرىدە 16 يىل تۇرۇپ، «دۆلەت تەرەققىيات سېلىنما لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز شىركىتىدىكىلەر»نى باشلاپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالىي سۇلفات ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ، سۈرئەت ۋە سۈپەت يارىتىپ، ھالاكەت دېڭىزىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى. لو كاڭ جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇب دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى. دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 62 يىلدىن بۇيان، ئۇ باشتىن-ئاخىر دوختۇرلۇق ئەخلاقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاغرىقلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان نەچچە يۈز مىڭ ئاغرىقنى قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، «ئالامەتسىز سوزۇلما خاراكتېرلىك ھەرىكەتچان جىگەر ياللۇغى» نەزەرىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋ داۋالاش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر