باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەنىڭ نيېس شەھىرىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 77 ئادەم قازا قىلدى

2016.07.15 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە، فىرانسىيەنىڭ نيېس شەھىرىدە فىرانسىيە دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئادەم توپىغا بېسىپ كىرگەن، نەق مەيداندا يەنە مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانغان.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۈك ئاپتوموبىلىدا قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ دورىسى ۋە گىرانات بار ئىكەن. نەق مەيداندا بولغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈك ئاپتوموبىلى ئادەم توپلاشقان پىيادىلەر يولىغا كىرىپ ئىككى كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، توختىغان. فىرانسىيە تەرەپ بۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى، دەپ قارىدى.

  فىرانسىيە فېگارو گېزىتى تورىدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئادەم توپىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە كەم دېگەندىمۇ 77 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 16 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

  جۇڭگونىڭ مارسېلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى نۆۋەتتە ئىككى جۇڭگولۇق پۇقرانىڭ ۋەقەدە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر