باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا كىرا ماشىنىسى چاقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2016.07.15 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن شېنجېندا ئېچىلغان «كىرا ماشىنىسى بىلەن توردا ماشىنا چاقىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى»دىن ئىگىلىشىچە، دىت-دىت شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بېيجىڭدا ئاپتوموبىل قىستاڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتتىن كېلىدىغان زىياننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىشى 5056 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، شاڭخەي، شېنجېندا ئايرىم -ئايرىم 4497 يۈەن ، 4357 يۈەن بولۇپ، بېيجىڭدىن كېيىن تۇرغان، گۇاڭجۇنىڭ 3917 يۈەن بولۇپ 5- ئورۇندا تۇرغان.

  2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 400 شەھەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاپتوموبىل قىستاڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېچىكىش كۆرسەتكۈچى 1.58 بولۇپ، سائەتلىك ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 24.8 كىلومېتىر بولغان.

  دوكلاتتا يەنە ئېلىمىزدىكى ئاپتوموبىل قىستاڭچىلىقى ئەڭ ئېغىر جاينىڭ بىرىنچى دەرىجىدىكى شەھەرلەر ئەمەسلىكىنى، بەكرەك قارىغاندا ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى توسۇلۇش ئەھۋالى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە توسۇلۇش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر شەھەر شىجياجۇاڭ بولۇپ، قىستاڭچىلىقتىن كېچىكىش كۆرسەتكۈچى 1.87 گە يەتكەن، بۇنىڭدا ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ سەھەردىكىدىن % 87 كۆپ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چۇڭچىڭ، شىئەن، جىنەن ئايرىم-ئايرىم ئىككىنچى بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، لېكىن خاربىن، جېڭجۇ، چىڭداۋ، ۋۇخەن قاتارلىق نەچچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ توسۇلۇش دەرىجىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بېيجىڭ بىلەن گۇاڭجۇدىن قېلىشمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر