باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 16-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى

2016.07.18 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس 1 ـ تۈركۈمگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 16 ـ ئىيۇل رەسمىي باشلانغان. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 237 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدىن 20 مىڭ 745 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئىيۇل باشلانغان بولۇپ، تولۇق كۇرس 1- 2 - تۈركۈمدە مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىش، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم قوبۇل قىلىش تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 1 ـ تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرلىرى ئاللىقاچان ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. 7-ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 گىچە، شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا 8504 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاماملانغان.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى داۋاملىق ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 دە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى يېڭىلايدۇ ھەم «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى »غا چىقىرىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ياكى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارى ئارقىلىق، ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلارغا ئەسكەرتىدۇ: ش ئۇ ئا ر ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولغانلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارى، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى» ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرىسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلسا ياكى 110 غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ. ئەگەر مۈجىمەل نۇقتىلار بولسا، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش-مەسلىھەت بېرىش پونكىتىغا بېرىپ، ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ بىۋاسىتە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: http://www.xjzk.gov.cn

  «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونى: 0991-8758128

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسى: 0991-8750000

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر