باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە «سائاد»قا قارشى سادالار داۋاملىق ئۇلغايدى

پاك گيۇنخاي جىددىي يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى تەتقىق قىلدى

2016.07.15 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئاخىرقى نۇقتىدىكى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى دائىرىسىنى مۇداپىيە قىلىش سىستېمىسى («سائاد» سىستېمىسى)نىڭ كورېيەدىكى سېڭجۇگۇندا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، كورېيە دۆلەت ئىچىدە «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى، بىخەتەرلىكى، قارار چىقىرىش جەريانى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قارشى تۇرۇش سادالىرى داۋاملىق ئۇلغايغاچقا، كورېيە زوڭتوڭى پاك گيۇنخاي 14-ئىيۇل جىددىي ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىك كاپالەت يىغىنى ئېچىپ، كېيىنكى قەدەملىك ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: چاۋشيەننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھتىدىگە تاقابىل تۇرۇش، كورېيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كورېيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىي كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن، كورېيە-ئامېرىكا «سائاد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى چىقاردى، دېدى. بىراق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، «سائاد»نىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارى 200 كېلومېتىر دائىرىدە ئىكەن، بىراق سېڭجۇگۇندىن پايتەخت سېئول رايونىغىچە بولغان ئارىلىق 250 كېلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، كورېيەنىڭ يېرىمىغا يېقىن نوپۇسى بار پايتەخت رايونى «سائاد»نىڭ مۇداپىيە دائىرىسى سىرتىدا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر