سۈرەتتە: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند (سول ئارقىدا) ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، پارىژ چامپى ئېلىس كوچىسىدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، فىرانسىيەدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى. 3239 قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى ئەسكەرلىرى، ژاندارما، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسكەرلىرى، ساقچى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان پىيادىلەر چاسا ئەترىتى، 241 ئاتلىق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، 212 تانكا، بىرونېۋىك، توپ ماشىنىسى قاتارلىق قورال-ياراق چاسا ئەترىتى ۋە 50 ھەربىي ئايروپىلان، 30 تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن تەركىب تاپقان ھاۋابوشلۇقى چاسا ئەترىتى پاراتقا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى