باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇر، خەنزۇ ياشلار ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، مەبلىغى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى

سوقماق شاھى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى

2016.07.15 15:58   مەنبە: خەلق تورى

سوقماق شاھى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى

  سوقماق شاھى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى(ماتىرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ قەشقەر يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر بوۋاي مەمەتتۇردى خۇنەن نەننىڭ يېزىسىدىكى بىر كەمپۈت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ماتاڭنى كۆرۈپ ( ئادەتتە « سوقماق » دېيىلىدۇ )، قاتتىق ھەيران قالدى.

  مەمەتتۇردى ئائىلىسى ئۈچ ئەۋلاد قولدا سوقماق ياساپ ساتقانلار ئىدى، ھازىر كىچىك ئوغلى ئادىل مەمەتتۇردى سوقماق ياساشنى سېخلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى.

  ئادىلنىڭ يۇرتىدا سوقماق بىر خىل ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېمەكلىك. ياڭاق مېغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم، بادام مېغىزى، ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىق خام ئەشيالارنى دۈملەپ پىشۇرۇش، چىڭداش ئارقىلىق بىر خىل ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان يېمەكلىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئادىلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى سوقماق ياسايدۇ، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى خاتىرىسىدە، دادىسى يەر تېرىغاندىن سىرت، ھەر ھەپتىدە بىر ھارۋا سوقماق ياساپ، ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. بۇ سوقماق ساتقان پۇل ئارقىلىق ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالىغانىدى.

  كۆپنى كۆرۈپ كۆزى پىشىپ قالغان ئادىل تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىدىلا سوقماق ياساشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بىراق دادىسى ئۇنىڭ بۇ ئاتا مىراس ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىشىنى خالىمايتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئادىل چاڭشا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق لايىھىلەش - ياساش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى.

  ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئادىل ئالي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ قوشۇمچە ئىشلەشكە باشلىدى. ياتاقدىشى، خەنزۇ ساۋاقدىشى جياڭ جىنيا خېلى بۇرۇنلا ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان، ئادىل جياڭ جىنيانىڭ دۇكىنىدا ئىشلەيتتى. ئادەتتە ئۇلار ياتاقتا ياخشى دوست، ۋالىبول مەيدانىدا ياخشى سەبداش ئىدى.

  2012-يىلى 12- ئاينىڭ بىر كۈنى، ياتاقتا تورغا چىقىۋاتقان جياڭ جىنيا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭدا يۈزبەرگەن «160 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھالىق سوقماق ۋەقەسى» توغرىسىدىكى توردا ئېقىپ يۈرگەن مەسخىرىلەرنى كۆرۈپ، ئادىلدىن «سىلەرنىڭ ئۇ تەرەپتىكى سوقماق راستىنلا مۇشۇنداق قىممەتمۇ ؟» دەپ سورىدى. ئادىل بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەك يىرىم بولدى، «يۇقىرى باھالىق سوقماق شىنجاڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى.»

  سودىغا نىسبەتەن كاللىسى ئۆتكۈر جياڭ جىنيا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تور ئەھلىنىڭ تور دۇكانلىرىدىن سوقماق ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى، لېكىن بىرمۇ تۈزۈكرەك سوقماق دۇكىنى يوقلۇقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادىلغا، « ئادىل، سەن سوقماق ياسىيالايسەنغۇ؟ بولمىسا بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەڭ ئەنئەنىۋى سوقماقنى ياساپ چىقىپ كىشىلەرگە كۆرسىتەيلى»، دىدى. ئادىلمۇ بۇنى ماقۇل كۆردى. < ئادىل > دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ھەققانىي دىگەن مەنىدە. ئۇ سوقماقنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى.

  ئادىل ئادەتتىكى چاغلاردىكى ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ۋە دادىسى ياردەم بەرگەن پۇلنى يىغىپ 10 مىڭ يۈەن توپلىدى، جياڭ جىنيامۇ 10 مىڭ يۈەن چىقاردى، كېيىن قاتناشقان يەنە بىر ساۋاقداشلىرىدىن جياڭ چۈنياڭمۇ 10 مىڭ يۈەن چىقاردى. ئۇيغۇر - خەنزۇ ئۈچ ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى بۇ 30 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىدىن باشلاندى.ئۈچ ئادەم ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، سىناق قىلىپ 10 نەچچە جىڭ سوقماق ياساپ، تورغا چىقاردى، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى ئون نەچچىدىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىنىپ، ئالتە جىڭدىن ئارتۇق سوقماق سېتىلدى. 10 جىڭ، 30 جىڭ، نەچچە يۈز جىڭ. . . تىجارەت بارغانسىرى ياخشى بولدى. 2014-يىلى 5-ئايغا بارغاندا، « سوقماق شاھى» تور دۇكىنىنىڭ ھەر ئايلىق سېتىش سوممىسى ئاتمىش - يەتمىش مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  2014-يىلى 6-ئايدا، سوقماق «ئېغىزدىكى جۇڭگو 2» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە تەنتەنىلىك تونۇشتۇرۇلدى. «سوقماق شاھى»نىڭ سېتىش مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى، ئايلىق سېتىش مىقدارى ئەسلىدىكى 100 مىڭ يۈەندىن تېزلا مىليونغا يەتتى، 2014-يىللىق سېتىش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ ھالەت بولغاچقا، بۇلتۇر بىرىنچى ئايدا، شىركەت 5 مىليون يۈەنلىك مەبلەغكە ئېرىشتى، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، يەنە A ئايلانمىدا 15 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزدى. «نىشانىمىز شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى ماركا يارىتىش»، دېدى جياڭ جىنيا.

  2014-يىلى يۈننەن لۇدىيەندە يەر تەۋرىگەندە، ئادىل ئۇ يەردە سۇ قىسلىق سەۋەبىدىن، قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ لاي سۇغا چۆپ سېلىپ يەۋاتقانلىقىدىن خەۋەت تاپتى. ئۆزىنىڭ سوقماقلىرىنىڭ ئىسسىقلىق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، يېيىشكە قولايلىق، يەنە ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئادىل ئىككى شېرىكى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان كوماندىر-جەڭچىلەرگە بەش توننا سوقماق سوۋغا قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ بىر ماشىنا سوقماق شۇ جايدىكى ئامما ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇۋاتقان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزغانلىق سەۋەبلىك، ئادىل ئۆز يۇرتى ۋە خۇنەن ئىككى جايدىكى داڭلىق شەخس بولۇپ قالدى. ئادىلنىڭ قارىشىچە، چاڭشا ئۇنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ شېرىكى جياڭ جىنيامۇ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى، دەپ بىلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئىگىلىك تىكلەش ئۇنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل زېمىنى بىلەن باغلىدى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم شېرىكلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى بارلىققا كەلتۈردى. ئادىل ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ خىزمەت قابىلىيىتى كۈچلۈك، يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ بېقىشنى ياقتۇرىدۇ، سودىدىكى ئاچقۇچ دەپ قارىدى. ئىككى خەنزۇ شېرىكمۇ ئادىلنى ئېغىر بېسىق، قارار چىقىرىشتا سوغۇققان، دەپ قارىدى.

  شىركەت تۆت نەپەر ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىنى قۇبۇل قىلدى، ئىككىسى شىنجاڭدا خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشقا مەسئۇل، يەنە ئىككىسى باش ئىشتاب ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ بىر نەچچە شېرىكلەر مىللەت، دىندىكى پەرق ئۇلارغا يۈك بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى، دەپ قاراشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ «ئۆرۈكزارلىق» تەجرىبە سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش باشلاندى
    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوب…
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 19–ئىيۇلدىن باشلاپ توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇ…
    ·2020-يىلغىچە 56 كىشىدىن ئارتۇق چوڭ سىنىپلار ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ
    ·كامبودژالىق 70 ئوقۇغۇچى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە بۇ يىل 10 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىز…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدا تاق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 5121 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا ت…