باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.07.15 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ مەكتەپ بۇ يىل تولۇق كۇرسقا 510 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن 45 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى بولسا شىنجاڭدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 211 قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ، 2015 ـ يىلى 10-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان، قاراماي شەھىرىنىڭ نېفىت، نېفىت - خىمىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات ئاساسىغا تايىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  بۇ يىل قاراماي مەكتەپ رايونى مەملىكەت بويىچە 16 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ) دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە بىرىنچى تۈركۈم نومۇر چېكىدىن يۇقىرى 510 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلاندى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەكتەپ بۇ يىل شىنجاڭدىن 45 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ يىل بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى بولغاچقا، نومۇر چېكىدە ئۆلچەم قىلىدىغان ئۆرنەك يوق بولۇپ، شۇڭا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سىيرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويىدىكەن، نۇمۇرنى تۆۋەنلىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قاراماي مەكتەپ رايونىدا نېفىت، سانائەت، ئىجتىمائىي - تەبىئىي پەندىن ئىبارەت ئۈچ ئىنستىتۇت بار بولۇپ، بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئالتە كەسىپ ئېچىلغان، ھەممىسى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرى بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن كەسپى يوق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر