باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 19–ئىيۇلدىن باشلاپ توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ

2016.07.15 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا تۆت قېتىم ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن.

  1 – قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 19 – ئىيۇل سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە بولۇپ، خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل – يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، ‹‹قوش تىل›› سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، موڭغۇل تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم ۋە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن؛ 22 – ئىيۇل سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم، شۇنداقلا تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن.

  2 – قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 31 – ئىيۇل سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە بولۇپ، خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل – يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، موڭغۇل تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، شۇنداقلا تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈمنىڭ نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن؛ 3 – ئاۋغۇست سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈم، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى، شۇنداقلا تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈمنىڭ نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش – يۆلەش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن.

  3 – قېتىملىق ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 12 – ئاۋغۇست سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە بولۇپ، خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل – يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، ‹‹قوش تىل›› سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، موڭغۇل تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا؛ 14 – ئاۋغۇست سائەت 8 دىن 20 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئورۇندالمىغان پىلانلىرىغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر