باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ

2016.07.19 12:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدىغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىاينى ئېچىش ئالدىدا، 17-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ھىلارى كلىنتوننى قوللاش نىسبىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى دونالد ترامپنىڭكىدىن داۋاملىق يۇقىرى ئىكەنلىكى ئايان بولدى، بىراق سايلىغۇچىلار بۇ ئىككەيلەندىن رازى ئەمەسكەن. سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنى قوللاش نىسبىتى ترامپنىڭكىدىن 4 تىن 7 پوئىنتقىچە يۇقۇرى. ئامېرىكا رادىيو شىركىتى ۋە ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرىشىدىن ئايان بولىشىچە، ھىلارى كلىنتوننى قوللاش نىسبىتى %47، ترامپنىڭ %43 ئىكەن. مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى، ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھىلارىنى قوللاش نىسبىتى %46، ترامپنىڭ %41 بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر