باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

2016.07.19 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى مەخسۇس تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى قىلىپ، كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى تۈزەپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى ۋە يېڭى ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بولۇشنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، 2020-يىلىغىچە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەركىزىي ئورنى ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر قايسى پەن ۋە كەسىپلەر بويىچە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش جەھەتتە نەتىجە ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرادا تەسىر كۈچىگە ئىگە تولۇق كۇرس مائارىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر