باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى توكيو خانېدا ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي قوندى

2016.07.19 12:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە دۆلەت زېمىنى قاتناش ۋازارىتى 18-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھاۋاي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروباس 330 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش جەريانىدا سۇيۇقلۇق بېسىمى سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكتىن، 18-ئىيۇل سەھەردە توكيو خانېدا ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي قوندى. ئايروپىلاندىكى كىشىلەر ساق-سالامەت. دۆلەت زېمىنى قاتناش ۋازارىتى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى 17-ئىيۇل يېرىم كېچىدە، خانېدا ئايرودۇرۇمىدىن ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ھونولولوغا ئۇچقان، ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۇيۇقلۇق بېسىمى سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكتىن، جىددىي قايتىپ، 18-ئىيۇل كېچە سائەت بىر يېرىمدا خانېدا ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي قوندى. قونۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستىدىكى سەككىز چاق ئېتىلىپ كەتتى، ئايروپىلان گەۋدىسىدىنمۇ ماي ئاقتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر