باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدە بىر مۇساپىر پويىزدا يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

2016.07.19 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17 ياشلىق ئافغانىستانلىق بىر ئەر مۇساپىر 18-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتىدىكى بىر شەھەرلەر ئارا پويىزىدا پالتا ۋە پىچاق بىلەن يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇردى. گېرمانىيە N-TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باۋارىيە ئىشتاتى ئىچكى ئىشلار تارمىقىنىڭ باياناتچىسى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئافغانىستانلىق بىر ئەر مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  گېرمانىيە تېلېۋىزىيە بىرىنچى ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەر ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن باۋارىيەدىكى ۋۇرزبۇرگ ئەتراپىدا پويىزدىن چۈشۈپ قالغان ھەم يېتىپ كەلگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئېتىپ تاشلىغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ھۇجۇمدا يەنە بىر كىشى يىنىك يارىلانغان، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن تۆمۈر يول بۆلىكىنى ساقچى تەرەپ ۋاقتىنچە تاقىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر