باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان «تازىلاش» كىشىلەردە ئەنسىرەش پەيدا قىلدى

قىسمەن ئالىي ھەربىي ئەمەلدارلار «چەتكە قاچتى»

2016.07.19 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى 18-ئىيۇل مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىشقا چېتىشلىق خادىملارغا قارىتا يېڭى بىر ئايلانما ئاختۇرۇپ تۇتۇشنى قانات يايدۇردى.

  ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئانادولو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسىمى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شۇ جايدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە ئىنىستىتۇتىدا ھەرىكەت قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش گۇماندارلىرىنى ئاختۇرۇپ تۇتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىم باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇش ئاكارنى تۇتۇشقا قوماندانلىق قىلغان گېنېرال مۇھەممەد دىشىلمۇ قولغا ئېلىنغان.

  تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، 6000 كىشى 15-ئىيۇلدىكى مەقسىتىگە يېتەلمىگەن سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 36 گېنېرال بار ئىكەن.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھېلىھەم نۇرغۇن جايدا سىياسىي ئۆزگىرىش گۇماندارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ «يەنە بىر قېتىم ھوقۇق تارتىۋېلىش» خەتىرى بارلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىق قاتلىمى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىك «ئېغىر زەربە»گە ئۇچرىغانلىقىنى، بىراق يەنىلا مەلۇمات ئورگانلىرى، ساقچى تەرەپ ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە «يەنە بىر قېتىم ھوقۇق تارتىۋېلىش» خەۋپى يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەرەپلەردە ئەنسىرەش پەيدا قىلدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى فېدېرىكا موگېنىرى 18-ئىيۇل، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قوغدىشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر