باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى «بەيدۇنىڭ كېچىدە قىمار تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋەقەسى»نى تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.07.19 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى 18-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 17-ئىيۇل «بەيدۇنىڭ كېچىدە قىمار تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋەقەسى» يۈر بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەيدۇ قاتارلىق ئىزدەش موتورى شىركەتلىرى چوقۇم يېقىندا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تور بېكەت ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، قىمار قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىش يوللىرى بىلەن قەتئىي تەمىنلىمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر