باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭنىڭ قۇملۇق «ئاپتوموبىل كەنتى» پاختىزارلىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ بېيىش ھېكايىسى

2016.07.19 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 400 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ سېتىۋالغان دالا ئاپتوموبىلىنىڭ زاپاس ساندۇقىدا دائىم بىر كەتمەن سېلىقلىق تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى ساۋۇت تۇرسۇن: بۇنى مەن ئىشقا بارغاندا ئىشلىتىمەن، دېدى.

  ساۋۇت تۇرسۇننىڭ «خىزمەت» ئورنى ئۆيىدىن 7 - 8 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 400 مولۇق كېۋەزلىك. بۇ دالا ئاپتوموبىلى بىر دېھقاننىڭ قاتناش قورالى بولغانىكەن، تەبىئىيكى دېھقانچىلىق سايمانلىرى قاچىلىنىشى كېرەك. چارۋىچىلىق مەيدانى كەنتى 2 -مەھەللىسىدە بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئېتىزنىڭ بۇرجىكىدىكى يەرنى ئاغدۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ھەشەمەتلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ ساپان سۆرەپ تېرىلغۇ يەرنى ئاغدۇرۇشى بۇ يەرگە نىسبەتەن دائىملىق مەنزىرە ھىسابلىنىدۇ.

  غوروچۆل بازىرى چارۋىچىلىق كەنتى 2 - مەھەللىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگو پاختا ماكانى» ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «بايلار رايونى» ھىسابلىنىدۇ. پۈتۈن كەنتتىكى 64 ئائىلىلىكنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى بار، بەزىلىرىنىڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى بىردىن ئارتۇق، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ب م ۋ (BMW) ، پورسچ ماركىلىقلىرىمۇ بار. كەنتتىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇ شەھىرىدە، چارۋىچىلىق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن نەق پۇلنى كۆتۈرۈپ 4 S دۇكىنىغا بېرىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ھېكايىسى ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرمەكتە.

  بۇ دالا ئاپتوموبىلى بولسا ساۋۇت تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئىككى يىل بۇرۇن سېتىۋالغان. ئالدىدا سېتىۋالغىنى سانتانا بولۇپ، ئاپتوموبىل تەگلىكى تۆۋەن بولغاچقا، چۆلگە ھەيدەپ بارغىلى بولمىغان. ئۇ يەردە ساۋۇت تۇرسۇننىڭ يەنە 400 نەچچە تۇياق قويى بار بولۇپ، «پادىچى»غا بېقىشقا بەرگەنىدى، شۇڭا چوقۇم دالا ئاپتوموبىلى بولمىسا بولمايتتى.

  پاختا- چارۋىچىلىق مەيدانى كەنتى 2-مەھەللىسى دېھقانلىرىنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى. تارىم ئويمانلىقىدا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك كېۋەز تېرىلىدۇ، لېكىن كەنتتە كېۋەز تېرىپ ئاپتوموبىل ئالالايدىغانلار نەچچە مىڭ چاقىرىم دائىرىدە كۆپ ئەمەس.

  كەنت ئاھالىلىرى تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ پاختا مەھسۇلاتى باشقا كەنتنىڭكىدىن يۇقىرىلاشقا باشلىدى. ساۋۇت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قوشنىسى- شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 16 – تۈەن-مەيدان ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ئۆگەنگەن.

  روزا ھېيت كۈنى، 16 – تۇەن-مەيدانى 1 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى دەي گوخۇا سوۋغىلارنى كۆتۈرۈپ ساۋۇت تۇرسۇن ئۆيىگە ھېيتلاپ بارىدۇ، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئىككىسى پاختا سەۋەبىدىن تونۇشقانىدى.

  دەي گوخۇانىڭ ئەسلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، كەنت ئاھالىلىرى ليەندۈي كېۋەز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كەنتنىڭ كېۋەز مەھسۇلات مىقدارىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى ھەممەيلەن ھەيران قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ساۋۇت تۇرسۇن دەي گوخۇادىن كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى ئۆگىنىشنى باشلىغان. ليەندۈي ئىشچى - خىزمەتچىلىرى نىمە قىلسا، كەنت ئاھالىلىرى شۇنى ئۆگەنگەن. ئېتىز باشلىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زوڭزىيىپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى ۋە تېخنىكا ئۆگۈنۈۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى.

  چارۋىچىلىق مەيدانى كەنتى 2-مەھەللىسى كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا، تۆت ئەتراپى 16 – تۈەن-مەيدانىنىڭ بىر نەچچە ليەندۈيى بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كېۋەزلىكى گىرەلىشىپ كەتكەن. دەي گوخۇا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆسۈش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، قەيەرنىڭ ليەندۈينىڭ يېرى، قەيەرنىڭ كەنتنىڭ يېرى ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالغىلى بولاتتى. ھازىر كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، تامامەن بىلىۋالغىلى بولمايدۇ.

  بۇ قۇملۇقتىكى كىچىك كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېھقانلار، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر خەنزۇ تىلى بىلەن ئاددىي پاراڭلىشالايدۇ، بولۇپمۇ 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار 16 – تۇەن-مەيدانىنىڭ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن، يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش قىيىن ئىش ئەمەس.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدا، چارۋىچىلىق كەنتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كالا- قوي بېقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەر تېرىشنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى ھەر بىر ئائىلە كېۋەز تېرىپلا قالماستىن، قوي-كالا بېقىش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، ھەر بىر ئائىلىنىڭ نەچچە ئون مولۇق مېۋىلىك بېغى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بۇ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ۋە قىرقىش تېخنىكىسىنىمۇ ئۇلار ليەندۈي ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ئۆگەنگەنىدى.

  گەرچە بۇ بىر قانچە يىلدا دۆلەت ئىچىدە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تەۋرىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېۋەز تېرىش، قوي-كالا- بېقىش ھەم يىلمۇ يىل مىۋىگە كىرگەن باغلار بىلەن بۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر