باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى باشلاندى

مۇسابىقىدە يېڭىپ چىققانلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ

2016.07.19 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «ياشلار ئىگىلىك تىكلەش» جۇڭگو ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ تىزىملىتىش خىزمىتى يېقىندا باشلاندى، شىنجاڭدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياكى ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ھەم ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ھەر مىللەت ياشلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە «ئۇنىۋېرسال ئىگىلىك تىكلەش » ۋە «ئالاقە تورى +» ئىككى چوڭ تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە، ئۇنىۋېرسال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە تۈرى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈر چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئۆزگىچە كەسىپ ئەۋزەللىكى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇشى؛ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە، ئىلمىيلىك ۋە ئەمەلىيلىككە ئىگە بولۇشى؛ شۇنىڭدەك بىر قەدەر يۇقىرى ئىجتىمائىي ئۈنۈم (ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇشى ) ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈر بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرسى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ يۈەن؛ 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەن؛ 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن؛ غەلىبە مۇكاپاتى ئالتە بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ماھىرلارنىڭ مۇكاپات پۇللىرى بىردەك تۈر ياردەم مەبلىغى شەكلىدە تارقىتىلىدۇ.

  ماھىرلار شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى (http://www.xjggjy.com) ، شىنجاڭ ياشلار ئىشقا ئورۇنلىشىش تورى (www.xjqnjy.org)، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورى (www.xjgqt.cn) ياكى «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى، شىنجاڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈر 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن جۇڭگو ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى (http://cxcyds.zgqncyxd.cn) دا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر