باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولدى، دېدى

2016.07.19 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇل، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈركىيەنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قوللايدۇ..

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى شۇئان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن قوغدىدى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ئامان تۇرۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر