باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان 160 شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى

2016.07.19 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئايرىم - ئايرىم 32 دۆلەت ۋە رايوندا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان 160 شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، 2011 - يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر 1700 دىن ئارتۇق كىشى ئىلتىماس قىلغان، 800 دىن ئارتۇق كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن ۋە قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار كەسپىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا مايىللاشتۇرۇلغان. بۇ ئوقۇش مۇكاپات يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ( رايون ) نىڭ مال باھا سەۋىيەسى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئوقۇش تارىخى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئايرىم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە بۆلۈنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر