خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) 16-ئىيۇل، كۇچا ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسىغا قاراشلىق سوخۇ چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى دېھقانلار قوغۇنلۇقتا قوغۇن ئۈزۈش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى. تارىم يېزىسىدىن چىقىدىغان «سوخۇ» قوغۇنىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تەمى ئۆزگىچە تاتلىق بولغاچقا، بىرقانچە يىلدىن بېرى شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا بازار تاپتى.
ئىگىلىنىشىچە، تارىم يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قوغۇن بازارلىرىنى ئېچىش ، «سوخۇ» قوغۇنلىرىنىڭ داڭقىنى ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق «سوخۇ» قوغۇنلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2009–يىلى دۆلەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە «سوخۇ شاھى قوغۇنى» تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەنگە ئالدۇرغان ۋە «سوخۇ» قوغۇنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىنغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدا تېزلا بازار تاپقان. بۇ يىل تارىم يېزىسىدا تېرىلغان «سوخۇ» قوغۇنىنىڭ كۆلىمى 7000 موغا يېتىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 10 مىڭ توننىغا، ھەرمو يەردىكى قوغۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 6500 يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، «سوخۇ» قوغۇنى تارىملىقلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپ بولۇپ قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى