باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى

يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2016.07.18 14:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى 17-ئىيۇل خوتەندە ئېچىلدى

  ئاپتونوم رايون 14 - ئىيۇلدىن 17 - ئىيۇلغىچە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى 14 - ئىيۇلدىن 17 - ئىيۇلغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق سەككىز ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىدى. خوتەندە ئېچىلغان يىغىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ ۋەنگۇەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىنبياۋ «ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىقلار ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن 17 - ئىيۇل خوتەندە ئېچىلغان يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: زوراۋانلىق - تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بوشاشماي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، بايقاش، ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تە مۇھىم ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولدى. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئېڭى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز تارماق، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق» بولۇش تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۈلۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت» تەلىپى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ياخشى مۇھىت يارىتىلدى. ھازىر، شىنجاڭ «داۋانغا چىقىپ قىردىن ئۆتۈش»تەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھېس قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا شىنجاڭنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، چىشنى چىڭ چىشلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۇتۇش كېرەك. «باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، دېلودىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەستە ساقلاپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، كەمچىلىكلەرنى قەتئىي تولۇقلاپ، ئاخىرقى چەككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، زوراۋانلىق - تېررورلۇقنى قەتئىي بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنگە ئالدىن زەربە بېرىپ، دۈشمەننى چۆچۈتۈپ، دىققەتنى ئادەم، دېلو ۋە يىپ ئۇچىغا قارىتىپ، بالدۇر، كىچىكىدە، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەۋپنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىش كېرەك. ئۈزلۈكسىز قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، كىشىلەر زىچ توپلاشقان ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ۋە پارتلايدىغان بۇيۇم قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈش كېرەك. ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ئاممىۋى خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات - تەربىيەدىكى «ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى ئىستىل بىلەن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، «تۆت ئىشنى تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن كۈچەيتىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى، شۇنداقلا كەنت دەرىجىلىك بازا ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇش ۋە سىياسەت كەنتلەرگىچە ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىپ، كەنت خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى كونكرېت ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن، ئىزچىل كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاچقۇچ −− مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ سۇبېيكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار كەمتەرلىك پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خەلق كۈرىشىنى ياخشى قىلىشقا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ توپلاش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلاردا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى بىلەن ماسلاشقان ۋەزىيەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جۈرئىتى بولۇشى، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خوتەندە ئېچىلغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپلەرنى ھەقىقىي تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي، چىڭ، ياخشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى پەللىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، شەۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۇەنگو، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر