خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ماشىنىلاشقان پىيادىلەر پولكى مىللىي 6-روتىسىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدە، بەش كېلومېتىرلىق قوراللىق دالا مەشقى قىلماقتا (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
7-ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ماشىنىلاشقان پولىكى مىڭ چاقىرىم يۆتكىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ناچار تەبئىي مۇھىتتا ئەمەلىي ئۇرۇش مەشقىنى قانات يايدۇردى. قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدە، مىللىي ئالتىنچى روتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ئاپتاپ ۋە قۇم بوراندىن قورقماي، كېچە-كۈندۈز توختىماي مەشخۇلات قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېرىم يەر ئاستى قونالغۇنى پۈتتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپى بويىچە جەڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى لايىھەلەپ كىچىك پوتەي ياساپ، ئاكوپ قېزىپ، ھەر ۋاقىت «ھۇجۇم قوزغاش»قا كاپالەتلىك قىلدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە قېرىنداش ئورۇنلارنىڭ ماختىشىغا قارىتا، روتا كوماندىرى ۋاڭ مېڭدوڭ: «ئالتىنچى روتىدا ساداقەت ۋە مەسئۇلىيەت ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، بەلكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ھەقىقىي ھەرىكەت»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى