باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراشەھەر ناھىيەسى باشلامچىلىق بىلەن يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

2016.07.19 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئالىمجان موللۇرۇزى، سېتىۋالدى قاسىم خەۋىرى) بۇ يىلدىن باشلاپ، قاراشەھەر سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى پارتكومى يېتەكلەش، ئىلھام بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇلارغا ھەرخىل ئۇسۇلدا ياردەم قىلىپ ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا پۇختا ئاساس سالدى .

  بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن پاتىگۈل قاراشەھەر سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى ئاددى بىر تىككۇچى، ئۇلارنىڭ يىرى ئاز، نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، ئۇ ئانىسىدىن كىچىك ۋاقتىدىلا تىككۈچىلىكنى ئۆگەنگەن، ئۇ ئىزچىل ئۆز ماھارىتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلانغان.

  بۇ يىل يىل بېشىدا، سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى رەھبەرلىرى ئائىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا پاتىگۈلنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن، سورتلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدان 3-ئەترەتتىكى مەدەنىيەت ھويلىسىدىن ئايرىم ئۆي ئاجرىتىپ بەردى.

  بۇنىڭ بىلەن پاتىگۈل قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشچانلىقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. ئۇنى ئىزدەپ كىيىم تىككۈزىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇ مۇشۇ جايدىكى خانىم قىزلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر