باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پاراخوت خادىمى تەربىيەلەش ئاپپاراتى تەستىقلاندى

2016.07.19 15:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى شىنجاڭ يەرلىك دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق پاراخوت خادىمى تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى ھازىرلىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاراخوت خادىمى تەربىيەلەش ئاپپاراتى يوق بولۇشتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆز جايىدىكى سۇ رايونىدا كېمە سەپىرى قىلىش چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 18 ياشقا توشقان، سالامەتلىكى ياخشى بولغانلار تەربىيەلەشكە تىزىملاتسا بولىدىكەن. تەربىيەلەش نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن كۇرسانتلار شىنجاڭ يەرلىك دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان پاراخوت خادىمى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن.

  شىنجاڭدا كۆل، دەريا، سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇ رايونىنىڭ كۆلىمى جەمئىي 5800 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كىنىشكىسى بار پاراخوت خادىمى 300دىن ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر