باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىگە 75 مىليون يۈەن مەركەز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى

2016.07.19 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇل، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىگە 75 مىليون يۈەن مەركەز تەبئىي ئاپەت تۇرمۇش ياردىمى بەردى، ئاساسلىقى «نىپارتەك» تەيفېڭ بورىنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىل تۇرمۇش ياردىمى، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆينى قايتا سېلىش تولۇقلىمىسى ۋە ئاپەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سوراش پۇلى بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى 68 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددى ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى تارقىتىپ، تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ 3000 لۆڭگە ئەدىيال، 50 گېنېراتور، 2000 جىددىي ئەھۋال چىرىغى، 900 قاتلىنىدىغان كارىۋات قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى بويۇملىرىنى ئەۋەتتى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 573 پاناھلىنىش ئورنىنى جىددىي ئېچىۋەتتى، 344 مىڭ ئادەمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى، 19 مىليون 467 مىڭ يۈەن جىددى ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىنى ئاجىرتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر