باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2016.07.19 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 18-ئىيۇل خەلق سارىيىدا، 31-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ئەزالاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى، تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتە قوش نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەنتەربىيە خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ ئېلىمىزدە تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى بىلەن ئېلىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىدا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، دادىللىق بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋەتەنگە زور شەرەپ كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك مىللىي روھنى ئۇرغۇتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر