باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى

2016.07.19 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىشتىن بۇرۇن تەستىقلاشتىن تەدرىجىي ھالدا مۇلازىمەت جەريانى ۋە ئىش ئارىلىقى، ئىش ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىنى سېلىشتۇرغاندا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يەنە بىر قانچە مەسىلە ساقلاندى، ئاساسلىقى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش تەكشى بولمىدى، نەقلەشمىدى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىش كېرەك؛ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى باشقۇرۇشتا تىزدىن يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ يېتەكلەش ۋە باشلامچىلىق قىلىش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن يۈرۈشلەشكەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ماس ئەمەس، ئىش ئارىلىقىدا، ئىش ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ مەبلەغ سېلىش قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالغان، مەبلەغ سېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ھالقىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھالقىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار ئۆزى قارار چىقىرىدىغان، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى راۋان، فۇنكسىيەسى جايىدا ئەمەلىيلەشكەن، ھۆكۈمەت ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۈنۈملۈك، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى مۇكەممەل بولغان يېڭىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر