باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىسى كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى

2016.07.19 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات تۈزۈلمىسى مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى يولغا قويۇپ، ئۆلكە بويىچە ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى بوغۇپ قويغان ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، ھوقۇقنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بېرىپ، ئىختىساس ئىگىلىرى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بېرىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئۆلكە دائىرىسىدە كارخانا قۇرۇش ياكى كارخانىلارغا بېرىپ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بەش يىل ئىچىدە كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇلۇپ، ئارخىپ مائاشى ۋە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى نورمال ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ كەلسە، خىزمەت ئىستاژى داۋاملىق ھېسابلىنىدۇ.

  ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎسلىقلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ كارخانىغا بېرىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈسە، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كارخانىدا ھەر قانداق ھەق ئېلىشقا ۋە پاي قوشۇشقا بولمايدۇ، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، ئورگاندىكى ئەسلىي تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر