باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ شۇڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

2016.07.20 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ شۇڭ (نازىر دەرىجىلىك) خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن، 17-ئىيۇل، جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىگەن.

  تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، قانۇن بويىچە جاۋابكار بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلىپ، ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. يەنچېڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2007-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ شۇڭ نەنجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەھكىمە باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەنجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ غايەت زور ھۆكۈمەت پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولۇپ، قانۇن بويىچە خىيانەتچىلىك جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر