- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىپەك يولى راللى مۇسابىقىسىنىڭ 10-بۆلىكى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
خەن ۋېي ۋاقتىنچە ئومۇمىي نەتىجە بويىچە يەتتىنچى بولدى
2016.07.20 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، 2016-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ 10-بۆلەك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، مۇسابىقە شىنجاڭ رايونىدىن گەنسۇ رايونىغا ئۆتتى. ئومۇمىي نەتىجىدە، بياۋخې-توتال ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ دېپرېيز، لېب يەنىلا ئالدىنقى ئىككىنچىلىكنى ئىگىلىدى؛ جىلى بوتوپ SMG ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى خەن ۋېي مۇسابىقىدە ۋاقتىنچە يەتتىنچىلىكنى ئىگىلەپ، جۇڭگو ماھىرلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولدى.
9-، 10-مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ھەممىسى چۆل ۋە قۇملۇق بولغاچقا، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئىككى مۇسابىقە بۆلىكى بولدى. 40 گىرادۇسقا يېقىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە چۆل ۋە قۇملۇقنىڭ ئىسسىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ماھىرلارغا ئىنتايىن زور سىناق ئېلىپ كەلدى.
نۆۋەتتە، يىپەك يولى خەلقئارا ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكى تاماملاندى، كېيىنكى تۆت مۇسابىقە بۆلىكىدە، رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر