- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زوڭتوڭى ئولتۇرغان ئايروپىلان قارىغا ئېلىندى
2016.07.20 15:08 مەنبە: خەلق تورى
ماتېرىيال سۈرەت: تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيەدىكى ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، زوڭتوڭ رەجەپ تايىر ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا ئاسىي ئارمىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، ئاسىي ئارمىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى رادار ئارقىلىق زوڭتوڭ ئايروپىلانىنى نىشانلىغان.
تۈركىيەدە شۇ جاي ۋاقتى 15-ئىيۇل كەچتە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەردوغان تۈركىيەدىكى دېڭىز بويى شەھىرى مارمارىستىكى ئارام ئېلىشنى توختىتىپ، 16-ئىيۇل سەھەردە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا يېتىپ باردى.
تۈركىيەنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر سابىق ھەربىي ئەمەلدارى رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئەردوغاننىڭ شۇ كۈنى مارمارىس ئەتراپىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا قايتقانلىقىنى، ئايروپىلان بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقاندا، ئاز دېگەندە ئىككى F-16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئاسىي ئارمىيە ئايروپىلانىنىڭ رادار ئارقىلىق ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان ۋە ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلاننى قوغداپ ماڭغان باشقا ئىككى F-16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى نىشانلىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ سابىق ھەربىي ئەمەلدار بۇ ئىككى ئاسىي ئارمىيە ئاروپىلانىنىڭ نېمىشقا ئەردوغاننىڭ ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ئەمەلدار يەنە زوڭلى يىلدىرىمنىڭمۇ ئىستانبۇلدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغىلى تاس قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر