باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىنى تېررورچىلار تەشكىلاتى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

2016.07.20 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئىيۇل، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى «مەنئى قىلىنغان تېررورچىلار تەشكىلاتى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (شەرقىي تۈركىستان)»نى بۇ تىزىملىككە رەسمىي كىرگۈزدى.

  بۇ ھۆججەتنىڭ بىرىنچى بېتىدە مۇنداق يېزىلغان: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2000-يىللىق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»گە ئاساسەن، تېررورلۇق ھەرىكىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغان تەشكىلاتىلارنى بۇ خىل مەنئى قىلىنغان تىزىملىككە كىرگۈزىدۇ. بۇ تىزىملىكتە تېررورلۇق ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 70 خەلقئارا تەشكىلات بار.

  بۇ تىزىملىكتە ھەر بىر مەنئى قىلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىنىڭ كەينى تەرىپىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەنئى قىلىنغان ۋاقتى، ئاساسىي ئەھۋالى ۋە مەنئى قىلىنغان سەۋەبى قاتارلىقلار كۆرسىتىپ بېرىلىدىكەن. بۇ تىزىىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نى مەنئى قىلغان ۋاقتى بولسا 2016-يىلى 7-ئاي ئىكەن.

  مەزكۇر تىزىملىكتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى تونۇشتۇرۇلغان ھەم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ئىسلام تېررورچىلىرى ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلات، ئۇ 1989-يىلى جۇڭگونىڭ غەربىدە قۇرۇلغان، ئۇنىڭ نىشانى بولسا غەربىي شىمالىي جۇڭگودا بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، دېيىلگەن ھەم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ "بازا تەشكىلاتى"نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر