خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋاھىت ئېزىز خەۋىرى)قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئاياغ باغئېرىق، ئارامازار قاتارلىق كەنتلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، كەنت مالىيەسىدىن پۇل چىقىرىپ، تەتىلدىن پايدىلىنىپ ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 1- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە ئوقۇيدىغان بالىلارنى يىغىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈندىن باشلاپ ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى بۇيىچە ھەر كۈنى تۆت سائەت ھەقسىز دەرس ئۆتۈشنى باشلىدى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى دەپتەر، قەلەم بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولدى.
ئاياغ باغرىق كەنت بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئادىلە ئۇبۇلقاسىم: كەنت كادىرلىرى بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەنتتە مەخسۇس ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى پەنلىرى بۇيىچە ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، بىزلەرنى ھەقسىز تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بىز مەكتەپتە ئۆگىنەلمەي قالغان دەرسلىرىمىزنى كۇرس ئارقىلىق تۇلۇقلاپ ياخشى ئۇقۇپ ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى