باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زوڭتوڭى ئۈچ ئايلىق «جىددىي ھالەت» يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.07.21 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان 20-ئىيۇل كەچتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايلىق «جىددىي ھالەت» يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئەردوغان شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇنىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرىشىنى تەكلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، دېدى. تۈركىيە ئىچكى كابىنېتى ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىپ بولدى.

  ئۇ، جىددىي ھالەت جاكارلاشنىڭ سەۋەبى، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە، ئەركىنلىكىگە ۋە دېموكراتىيەگە ھەم دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىشىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللارنى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن يوقىتىش ئۈچۈن، دېدى.

  ئەردوغان تۈركىيە ئاممىسىنى ئەنسىرىمەسلىككە مۇراجەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تۈركىيەدە 15-ئىيۇل كەچتىن 16-ئىيۇل سەھەرگىچە مەقستىگە يېتەلمىگەن ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 9000دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى. بۇنىڭ باشقا تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مەمۇرلىرى، ساقچىلار، سوتچىلار، دىنىي زاتلار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكىلەردىن بولۇپ 50 مىڭغا يېقىن كىشى خىزمەتتىن توختىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر