باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى توردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش جىنايىتىگە زەربە بەردى

ئۈچ ئاي ئىچىدە 750دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسى تەكشۈرۈپ پاش قىلىندى

2016.07.21 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېرىم يىل داۋاملاشقان توردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 750دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسى تەكشۈرۈپ پاش قىلىنىپ، 1900 دىن كۆپرەك جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنىپ، 23 مىليارد ئۇچۇر قولغا چۈشۈرۈلۈپ، 3 مىليون 520 مىڭ پارچە قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تازىلىنىپ، 610 دىن كۆپ تور بېكىتى، سەھىپىسى توختىتىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە توردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش جىنايى ھەرىكىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن: بىرىنچى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا قانۇنسىز ئېرىشىش ئۇسۇلى، چېتىلىدىغان كىشىلەر كۆپ ئىكەن؛ ئىككىنچى، «باشلامچى-ۋاسىتىچى-سودىگەرلەر قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىش»تىن پايدا زەنجىرى شەكىللىنىپ، قارا رەڭلىك كەسىپكە ئايلانغان؛ ئۈچىنچى، ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىش مەنبەسى كۆپ خىل بولغان.

  ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج خ ئورگانلىرى كېيىنكى قەدەمدە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، توختىماي زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر