باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىن ئايروپىلان(بىخەتەرلىك) خادىمى قوبۇل قىلىدۇ، ئانىلارمۇ تىزىملاتسا بولىدۇ

2016.07.20 14:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 19-ئىيۇل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 26-ئىيۇل شىنجاڭدىن ئايروپىلان(بىخەتەرلىك) خادىمى قوبۇل قىلىدىكەن، سان، كەسپ، جىنس ئايرىمىسىغا چەكلىمە قويۇلمايدىكەن، شەرتكە چۈشىدىغان توي قىلغان-قىلمىغان ئەر-ئاياللار ۋە ياكى بالىسى بار ئاياللار بىردەك تىزىملاتسا بولىدىكەن، تىزىملىتىش نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئايروپىلان(بىخەتەرلىك) خادىمى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن. «مودا ئانا»لارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى كەڭ ۋە بالا تەربىيەلەش تەجرىبىسى مول بولغانلىقتىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 2015-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىن «ئايروھەدە»لەرنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.

  تەلەپ بويىچە، بۇ قېتىم ياش چېكىگە 1991-يىلى 1-يانۋاردىن 1998-يىلى 31-دېكابىرغىچە تۇغۇلغانلار ئۆلچەم قىلىنغان، توي قىلىپ، بالىلىق بولغان ئاياللارغا بولغان ياش چەكلىمىسى 1986-يىلى 1-يانۋارغىچە ئۇزارتىلغان. ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى 175~185كىچە، ئاياللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 163~175كىچە بولۇشى، ئالىي تېخنىكۇم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن، باشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى تىزىملاتقۇچىلار جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تورى job.csair.comغا كىرىپ كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر