باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تاشقى بىۋاسىتە مەبلەغ%60 تىن ئاشتى

ئالدىنقى بەش ئايدا، مۇلازىمەت سودىسى %20 تىن كۆپرەك ئاشتى

2016.07.20 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 19-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈردىكى تاشقى بىۋاسىتە مەبلىغى 580 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.7 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 ترىللىئون 78 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.7 ئېشىپ، مۇلازىمەت، ئېكسپورت قۇرۇلمىسى ئىزچىل ياخشىلاندى.

  6-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى بىۋاسىتە مەبلىغى 100 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.9 ئاشتى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈردىكى بىۋاسىتە مەبلىغى جەمئىي6 ترىللىئون 200 مىليارد يۈەن بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلىغىنىڭ كەسىپ تارقىلىش ئەندىزىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 17 مىليارد 590 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %245.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 مىليارد 40 مىليون دوللار قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ياسىمىچىلىقىغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىسىنىڭ 5.4 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ياسىمىچىلىق تاشقى مەبلىغىنىڭ %68.4 نى ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر