باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى» توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى

2016.07.20 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 19-ئىيۇل بېيجىڭدا «شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى» توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى.

  25 ئەزا ۋە شۇ جايدىكى ۋەكىللەر، مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې لىفېڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئەزالار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت رايونى بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ئەسىردە بەلگىلىگەن مۇھىم تەدبىرى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شەرقىي شىمال كونا سانائەت رايونى بازىسىنى گۈللەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ۋە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىراق يەنە يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ«شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى» نى يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مەركەزنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر