باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئىككى ئۇچقۇچىنى قولغا ئالدى

2016.07.20 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخباراتىنىڭ موسكۋادىن بەرگەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئىككى ئۇچقۇچىنى قولغا ئالغان. خەۋەر بەرگۈچىنىڭ دېيىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۈركىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈركىيە-سۇرىيە چېگراسىدا رۇسىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۈركىيەنىڭ F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى سۇرىيە چېگراسىدا رۇسىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كىرىزىس پەيدا بولدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ ئىشنى تېررورچىلارغا يانتاياق بوغانلىق دەپ قاراپ، تۈركىيەگە قارىتا بىر قاتار ئىقتىسادىي چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  6-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇتىن رۇسىيە-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر