باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ 100دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىپلىدى

2016.07.20 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 19-ئىيۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنى سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەلەب ئۆلكىسىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 100دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىپلىدى.

  سۇرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىسىگە يوللىغان خېتىدە، فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى 19-ئىيۇل ھەلەب ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى مەنبىج شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كەنتكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 120دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى، نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار، دېيىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە ئون پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمىدىكى خارابىلىققا كۆمۈلۈپ قالدى، دېيىلدى.

  دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خېتىدە، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەنبىج شەھىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 20 نەچچە پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى، نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، دېيىلدى.

  دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە «خەلقئارا ئىتتىپاق»تىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ، دېدى، ھەمدە تېررورلۇققا ئەستايىدىل زەربە بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر